مەخپى ئەمەس ئورىگىنال: 2019-يىلى، 12- ئاينىڭ 10- كۈنى نەشرى قىلىش ئۈچۈن

Eleanor Roosevelt holding poster of the Universal Declaration of Human Rights (in English), Lake Success, New York. November 1949.

مەخپى ئەمەس

ئورىگىنال: 2019-يىلى، 12- ئاينىڭ 10- كۈنى نەشرى قىلىش ئۈچۈن

PDF: U.S. Ambassador Statement on International Human Rights Day 2019- Uighur version

English Version

Chinese Version

Tibetan Version

ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ 71- يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەشنى شەرەپ ھېس قىلىمەن. 1948-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان بۇ خىتابنامىدە شۇلار قەيت قىلىنىدۇكى، ھەرقانداق بىر ئىنسان بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ھەق ھوقۇقلار قاتارىدا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەركىن ئويلاش، دىنغا ئىشىنىش ياكى ئېتىقاد قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىنچلىق بىلەن يىغىلىش قىلىش ھوقۇقلىرى بار. بۇ مۇھىم ھۆججەتكە قول قويۇش بىلەن، خىتاي بۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇقلارنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن. لېكىن يېقىنقى ئاشكارلىنىشلار، بېيجىڭنىڭ بۇ ئەڭ ئاددىي ھوقۇقلارغىمۇ ھۆرمەت قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

م ئۆتكەنەنكى يىلدىن بىرى بۇ يەردىكى خىزمەتلىرىم جەريانىدا، خىتاي نۇرغۇن تەرەپلەردىن داۋاملىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم؛ بۇ ئىلگىرلەش ، خىتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما مەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، يەنە شۇخەلقىنىڭ خىتابنامە ۋە خىتاي ئۆز دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي ئەركىنلىكلىرىنى قوغداشتا ئۆتكۈزگەن رەھبەرلىك مەغلۇبىيەتلىرىگىمۇ شاھىت بولدۇم. رەئىس ترامپ، مۇئاۋىن رەئىس پەنس ۋە سېكرېتار پومپېئو تەكرار ھالدا بىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ پايدىلىق ۋە نەتىجە يارىتىش ئاساسىدا تىكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى؛ ھەمدە ئۇلار ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان توختاۋسىز دەپسەندىچىلىكلەر ۋە خىتاينىڭ بۇ مەغلۇبىيەتلىرى ھەققىدە ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىدە بىلدۈردى.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئادۋوكاتلارنى، ئاخباراتچىلارنى، ھەمدە خەلق باشچىلىرىنى سولاۋاتقانلىغى ھەققىدە جىددىي ئەندىشە قىلىمىز. بىز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنىڭ،  دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يەنى ئىبادەت ئورۇنلىرىنى تاقىۋېتىش، ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى قاماققا ئېلىش ئەھۋاللىرىدىن چوڭقۇر ئەنسىرەيمىز؛ بۇ خرىستىئان دىنىدىكىلەر ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى تېررورىزم ۋە زوراۋان ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىۋاتىمىز دېگەن نام بىلەن خورلاۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر بىئارام بولدۇق. شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىسىدىكى خەلقنىڭ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سولاپ قويۇلغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ خىلدىكى ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، يەنى كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك كونتىروللىقى ۋە كۆزىتىش، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش، دىنى ئېتىقاد ۋە ئەمەللەرنى ئىپادە قىلىشقا قارىتىلغان مۇتلەق باستۇرۇش، ھەتتا كەڭ كۆلەملىك DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى نوقۇل ھالدا ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنى كىملىكىگە قارىتىلغانلىقى ئىنىق. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەدە قىلغان ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنى قوغداشقا بەرگەن ئەھدىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ھالدا، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان خەلقئارالىق ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى كۈتمەسلىكى كېرەك.

خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە ئاكتىپ رول ئوينايمەن دەيدىكەن، بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە داۋاملىق  يۇقىرى تەلەپ قويىمىز. كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ دۆلەت چېگرا تەۋەلىكى مەۋجۇت ئەمەس؛ چۈنكى ھەر بىر شەخسكە تەئەللۇق بولغان كىشىلىك ھوقۇقلار خەلقئارالىق يوسۇندا قوغدىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى كېڭەيگەنسېرى، خىتاينىڭ ھازىر خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن مۇھىم. خىتاينىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق ئەركىنلىكلىرىنى قوغدىشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ  نەزىرىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارادا كۆرسەتمەكچى بولغان تەسىرى ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ھەمدە بۇ ئامېرىكا ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورتاق مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ داۋاملىق تەسىر قىلىدۇ. ئامېرىكالىقلار بولىۋاتقان بىمەنىلىكتىن بىخەۋەر ھالدا ئەمەس؛ مەسىلەن، ئامېرىكادىكى خىتاي دىپلوماتلىرى ئامېرىكادىكى تەييار ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىلىقلارغا باياناتلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ – يەنى بىز ئامېرىكادا ئەڭ  قەدىرلەيدىغان ئەركىنلىكتىن ھۇزۇر ئېلىۋاتىدۇ؛ ئوخشاش ۋاقىتتا، شۇ ئەينى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەسلىھەلىرى ۋە بىزنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلغان سۆزلىرىمىز خىتايدا چەكلىنىۋاتىدۇ. خۇددى خىتاي دىپلوماتلىرى ئامېرىكالىقلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغاندەك، بىزمۇ خىتاي خەلقى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولساق، بۇ ئارىمىزدا ئورتاق چۈشىنىشنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە پايدىلىق؛ بولۇپمۇ يۇقىرقىدەك  مۇھىم مەسىلىگە كەلگەندە تېخىمۇ شۇنداق.